send link to app

Uyghur Isimlar گۈزەل ئىسىملار app for iPhone and iPad


4.6 ( 656 ratings )
Education Catalogs Shopping
Developer: Yeltapan Inc
Free
Current version: 2.0, last update: 7 years ago
First release : 06 Jan 2014
App size: 6.78 Mb

ئىنسان ھاياتىدىكى خۇشاللىقلار ئىچىدە پەرزەنت خۇشاللىقى ئالاھىدە بىر خۇشاللىق بولۇپ، ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان ئاتا–ئانا ئۆزىنىڭ يېڭىدىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان پەرزەنتىنگە ئەڭ ئاۋۋال

ياخشى ۋە گۈزەل بولغان مەنىلىك بىر ئىسىم قويۇشنى، ئاندىن ئۇنى ئېلىم–مەرىپەت بىلەن تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىشنى، ئاندىن كىيىن چوڭ بولغاندا ئۆي–ئوچاقلىق قىلىپ قويۇشنى ئويلايدۇ.
شىركىتىمىز ئەنە شۇ مەسئۇلىيەتچان ئاتا–ئانىلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئون مىڭدىن ئارتۇق گۈزەل ئىسىملارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان مەزكۈر ئەپنى ئىشلەپ چىقتى.
مەزكۈر ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە؛
(1) ئون مىڭدىن ئارتۇق گۈزەل ئىسىمنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ ھەربىر ئىسىمنىڭ مەنىسى، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە يېزىلىشنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
(2) ئىسىمنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ ئىزدەشكە، باش ھەرب بويىنچە تۈرلەپ ئىزدەشكە ۋەيەنە خالىغان ئىسىمنى ساقلاپ قويۇشقا، دوسىتلار چەمبىرىگە يوللاپ ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ.
(3) بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئىسم قويۇش، ئەقىقە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ جەريانى دىنى ئەقىدىمىزگە ماس ھالدا تەپسىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇجەھەتتە سىزگە بىر ياخشى قوللانما بولالايدۇ.
(4) «ماقالىلەر» دىگەن ئورۇندىن توربېكىتىمىز تەمىنلىگەن يېڭى–يېڭى نادىر يازمىلاردىن ھەرۋاقىت بەھىرلىنىپ تۇرالايسىز.

تولۇق نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى